18 بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ.
پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.
مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.
ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.
مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، پەرۋەردىگار غاردا سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىلىنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم.
_ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار: _ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.
كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي!
يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ: _ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.
دۈشمىنىم تۇتۇۋالسۇن قوغلاپ مېنى، جېنىمنى ئالسۇن ئۇلار چەيلەپ تېنىمنى، يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن ئىززىتىمنى. سېلاھ
خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا، ياندۇرار پەرۋەردىگار ساڭا.