Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارسۇن. پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزسۇن!

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:15
12 Referans Kwoze  

ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى.


دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى، ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.


كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي. مەن سىلىگە قول تەگكۈزمەيمەن، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىلىدىن ئىنتىقام ئالغاي.


بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە، بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز. ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز.


ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.


تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى.


مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن.»


داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.


ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.


ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بىر يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىنىڭ مېنى، يەنى كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا بىر ئىشتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite