Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىلى كىمنى قوغلاپ يۈرىلا؟ ئۆلۈك ئىتتەك ياكى كىچىككىنە بۈرگىدەك ئەرزىمەس مېنىمۇ؟

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 24:14
9 Referans Kwoze  

ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بىر يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىنىڭ مېنى، يەنى كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا بىر ئىشتۇر.


_ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ.


ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى.


ئايالى ئۇنىڭغا: _ سىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ مەيۈسلەنمەي، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى.


ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بەك خاپا بولۇپ: _ سېنىڭچە مەن يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ لالما ئىتى ئىكەنمەن-دە؟ مەن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا، يەنى ئاتاڭ سائۇلغا، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن مېنى بىر خوتۇن ئۈچۈن ئەيىبلەۋاتىسەن.


داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى، يەنى داۋۇتنىڭ ئايالى مىكال ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ، ئۇنىڭغا: _ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەش ئادەملەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى.


لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite