Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:9
15 Referans Kwoze  

داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدىكى چەكلەرنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار چەكلەرنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى.


ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئېلىۋالغانىدى.


بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.


بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ شەھەردىن قېچىپ، لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى جايلارغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى داۋاملىق تارقىتىۋەردى.


سائۇلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق، بىرى ئۇلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى.


ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.


ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى.


ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى.


سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قورشاۋغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.


ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.


پادىشاھ روھانىي ئەبىياتارغا: _ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغانىدىڭ، _ دېدى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەرگە كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite