4 داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن ئاشۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى.
سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.
سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.
گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي يۇڭى بىلەن يەنە بىر سىناپ باقاي. بۇ قېتىم قوي يۇڭى قۇرۇق تۇرسۇن، يەرگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى.
شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەرگە كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى.
شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى.
داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇۋاتساق، ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغىلى قىيلاھقا بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغىن، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بارغىن! _ دېدى پەرۋەردىگار.
شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن.
داۋۇت خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.