27 لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا: _ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.
بۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:
لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.
كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېز قاچاتتى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالماق بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى.
ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.