Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سائۇل: _ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:21
9 Referans Kwoze  

سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ. لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.


يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى، پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن، ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى.


ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.


ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن.


ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي.


خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا: «بىز قەيەرگە بارمايلى، مەن ھەققىمدە گەپ بولسا، مېنى ئاكام دەپ ئېيتقىن. شۇندىلا سەن ماڭا بولغان چىن مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەن بولىسەن» دېگەنىدىم.


سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite