18 ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.
يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.
يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.
بىر كۈنى داۋۇت: _ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-شەپقىتىمنى كۆرسىتەي.
پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن.
داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.
داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك.