16 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.
ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.
ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.
داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى.
مەن ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دېيىشتى ۋە پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن بۇ خەيرلىك ئىشىنى باشلاشتى.
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ، ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.
سەن بۇ ئىشنى يوشۇۋاغا ھاۋالە قىلغىن، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگىن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، سەن نەزەر سالغان ئاشۇ زېمىننى ئىگىلەيدۇ» دېدى.
لېكىن مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.
مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.
داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ سائۇلنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.