Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئالتە يۈز ئادىمى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ مېڭىپ يۈردى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزدى. سائۇل قىيلاھقا بېرىشتىن ۋاز كەچتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:13
7 Referans Kwoze  

داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەممىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى.


شۇنىڭ بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازىلىقى بولغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى.


سەن يېقىندىلا كەلدىڭ. مەن ئۆزۈممۇ نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سېنى يەنە سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن. خۇدا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى سەندىن تەرك ئەتمىسۇن! _ دېدى.


قالغانلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملەر ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار داۋاملىق مېڭىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.


ھىيلىگەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى بۇزۇپ، ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ.


نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite