12 _ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار: _ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.
ئالىيلىرى، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى.
ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.
خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»
سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.
باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى.
يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى.
قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مەن خىزمەتكارىڭغا يول كۆرسەتكەيسەن! پەرۋەردىگار: _ سائۇل چوقۇم كېلىدۇ، _ دېدى.
پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ماڭا ئاشكارىلىدى. ئۇ ماڭا، ئۇلارنىڭ ماڭا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.