Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 داۋۇتقا فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23:1
9 Referans Kwoze  

قىيلاھ، ئاكزىب، مارېشا قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.


تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر. زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي، ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ.


ئۇلار جەنۇبتىكى گازا شەھىرىگىچە بولغان جايلاردا چېدىر تىكىپ، بۇ زېمىندىكى زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتەتتى. ھەمدە پۈتۈن قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى بۇلاپ، ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقانداق ئوزۇق-تۈلۈك قويمايتتى.


ئۇلار تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، چارۋا ماللىرىڭلارنى ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇللىرىڭلارنى يەيدۇ. سىلەرگە يا ئاشلىق، يا شاراب، يا زەيتۇن يېغى، يا قوزا ياكى موزايلارنى قالدۇرمايدۇ. سىلەر ھالاك بولىسىلەر.


سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.


مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە بۇغداي ئېزىۋاتاتتى.


شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇن پارچىلىرى خۇددى يازدا خاماندىكى ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك غايىب بولۇپ، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite