9 شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.
سەندە ياشايدىغان ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى تۆھمەت قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرگۈزىدۇ. بەزىلىرى تاغلاردىكى بۇتخانىلارغا چىقىپ قۇربانلىقلاردىن يەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا.
ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس، يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.
روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.
بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.