Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 22:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 22:7
14 Referans Kwoze  

شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.


خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك، يىشاينىڭ يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ.


شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: _ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ.


سائۇل: _ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا! _ دېدى.


شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.


سائۇل يوناتانغا قاتتىق غەزەپلىنىپ: _ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن.


يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلى نېمىشقا تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟ _ دەپ سورىدى.


پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.


داۋۇت ئادەملىرىنى يىغىپ، مىڭ بېشى ۋە يۈز باشلىرىنى تەيىنلىدى.


بىنيامىن ۋە يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردىكى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite