5 گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: _ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى.
پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.
پەرۋەردىگار داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا:
ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار:
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاغدىكى غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى.
پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.