19 ئۇ يەنە روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالىچاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تارتىپ پۈتۈن كىشىلەرنى قىرىپ تاشلىدى ھەتتا كالا، ئېشەك ۋە قويلارنىمۇ ئۆلتۈردى.
ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»
چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.
شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.
ئاناتوت، نوب، ئانانيا،
پادىشاھ سائۇل روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.
داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك.
ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى، شۇنداقلا قىممىتى بار سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارنى ئېلىپ قېلىپ، قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.
ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئاڭلاۋاتىمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن ئۆزۈڭگە مەدھىيىلەر كەلتۈردۈڭ» دېگەن سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمۇ؟
ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.