Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 22:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىغان 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 22:18
14 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى، يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ.


ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.


يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زىكىرىيانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.»


مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم.


ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ تونچە كۆڭلەك، پوتا ۋە باش كىيىم تىكىلسۇن. شۇندىلا ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.


يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.


رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite