سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 22:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئاندىن ئۇ ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇردى. ئۇلار داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ماڭا ئېيتمىدى! سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى. Gade chapit la |
لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇپلا، ياساۋۇل ۋە سەركەردىلىرىگە: _ سىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇل ۋە سەركەردىلەر بۇتخانىغا كىرىپ، ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، بۇتخانىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى.