16 پادىشاھ سائۇل: _ ھەي ئاخىمەلەك، سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇرسىلەر! _ دېدى.
يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.
ھىرود خان ئۇنى ئىزدەشكە ئەمر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھىرود خان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قەيسەرىيە شەھىرىگە قايتىپ كەتتى.
ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇلارنى ۋە بابىلدىكى ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى.
پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.
ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيەسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى.
ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.
پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)
يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، سەن ئۆزۈڭنىمۇ، پادىشاھلىقىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن. شۇڭا سەن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، ئالدىمغا ئەكەل، ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى.
سائۇل: _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى قاتتىق جازالايدۇ _ دېدى.
بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك.
توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم. ئالىيلىرى، بۇ مەن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشى ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق. بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە.
ئاندىن ئۇ ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇردى. ئۇلار داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ماڭا ئېيتمىدى! سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى.