10 ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.
بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى.
_ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار: _ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم. ئالىيلىرى، بۇ مەن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشى ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق. بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە.
سائۇل: _ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا! _ دېدى.
شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەرگە كەلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ ئۇ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى.
پادىشاھ سائۇل روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى.