8 داۋۇت ئاخىمەلەك: _ سىزدە قىلىچ ياكى نەيزە بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىۋالماپتىمەن _ دېدى.
شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.
_ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، يەنى روھانىيلىق پەرتۇقى قويۇلغان جاينىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ. خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. داۋۇت: _ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى.
شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.
داۋۇت ئەبىياتارغا: _ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ نوپ شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم.
چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.
ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار.