Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:7
21 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ سائۇلغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم.


شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا، ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.


«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.


سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.


ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.


ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقانلارنى ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.


سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.


شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.


بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى.


داۋۇت ئاخىمەلەك: _ سىزدە قىلىچ ياكى نەيزە بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىۋالماپتىمەن _ دېدى.


داۋۇت ئەبىياتارغا: _ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ نوپ شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم.


ھاگرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھ داۋۇتنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى.


روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.


ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.


_ سۈپەتلىك ئۇندا ئون ئىككى دانە نان تەييارلاتقىن، ھەربىر نانغا ئىككى كىلو ئۇن ئىشلەتسۇن.


ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر.


ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite