Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 روھانىي: _ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21:4
9 Referans Kwoze  

مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.


شىرەگە ھەمىشە ماڭا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىپ قويۇلسۇن.


ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.


ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.


شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەندە، ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى.


ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا يېگۈدەك نەرسىڭىز بولسا بېرىڭ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite