ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى.