Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:8
16 Referans Kwoze  

ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.


يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.


ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.


داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە: _ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.


ئەگەر جىنايىتىم بولسا ۋە ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مېنى جازالىماڭ، دەپ تەلەپ قىلمىغان بولاتتىم. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىمەن! ئۆزى مېنى سوراق قىلسۇن!


مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما، ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.


لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا: «يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.»


داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت: _ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى.


ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىدىڭلار، شۇڭا سىلەرگىمۇ پەرۋەردىگار ياخشىلىق ئاتا قىلغاي.


_ ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا! ئۇ ئۆزى بىلىدۇ! پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلسۇن! بىز قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن ياسىمىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق خىيالدا ياسىغان بولساق، بىزگە رەھىم قىلماڭلار!


ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.


ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.


ئەمدى سىلەر خوجايىنىمغا مېھرىبان ۋە سادىق بولۇپ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلساڭلار، بۇنى ئېيتىڭلار، قوشۇلمىساڭلارمۇ ئېيتىڭلار. مەن قانداق قىلىشىم ھەققىدە بىر قارارغا كېلەي.


_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟


داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite