7 ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا قەتئىي زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولىدۇ.
ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.
پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈللۈكىگە چىقىپ كەتتى. ھامون پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قېلىپ قالدى.
ئاخىتوفەلنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئابسالومغىمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغىمۇ ياقتى.
_ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟
مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 12 ئادەمنى، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم تاللىدىم.
سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.