Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، مەن پادىشاھنىڭ داستىخىنىدا بولۇشقا مەجبۈرمەن. شۇڭا سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:5
17 Referans Kwoze  

شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ، بىرەر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن.


«ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.


يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ۋە ھېيت-ئايەم، ھىلال ئاي بايراملىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك جەھەتتە ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقى يوق.


شۇڭا، ئېتىقادچىلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىدىكى جايلارغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.


زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.


دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم.


ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن.


مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت ماڭا يالۋۇرۇپ: ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە تېز بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىرلىكتە يىللىق قۇربانلىق قىلاتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن.


ئېرى ئۇنىڭغا: _ يا يېڭى ئاي بايرىمى، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى: _ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.


يوناتان داۋۇتقا: _ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېدى.


يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىپ قالىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا بېرىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى.


يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلى نېمىشقا تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟ _ دەپ سورىدى.


سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite