Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 بالا كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:41
20 Referans Kwoze  

يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.


ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە: _ مەن سىزنىڭ ئاتىڭىزنىڭ جىيەنى بولىمەن، يەنى ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى. راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى.


كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.


سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ.


ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي! سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.


ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.


ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى.


ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.


ئۇلار جاۋابەن: _ بىز كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، _ دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى.


لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.


يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.


يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ بۇلارنى ئېلىپ، شەھەرگە كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.


ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى.


داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىلا؟


ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.


تىقوۋالىق ئايال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا!


باتشەبا پادىشاھقا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمە تەلىپىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى.


پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى داۋۇتقا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى


باتشەبا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite