40 يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ بۇلارنى ئېلىپ، شەھەرگە كىرىپ كەتكىن، _ دېدى.
بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى.
بالا كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.