سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى. Gade chapit la |
ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.