26 لېكىن پادىشاھ ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلىدە: «بەلكىم ئۇ ناپاك بىر ئىش قىلىپ قالغاندۇ، ئۇ چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، ئويلاپ ئولتۇردى.
ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئۇ ئاقساقاللارغا: _ شۇنداق، تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىم. پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىرگە قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى. سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.
ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.
ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلى نېمىشقا تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟ _ دەپ سورىدى.