24 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا بېرىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى.
ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.
جېدەل-ماجىرالىق ئۆيدىكى مول داستىخاندىن كۆرە، بىر بۇردا قۇرۇق نان ئەۋزەلدۇر تىنچ-خاتىرجەملىكتە.
ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە، ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە.
ئۇلار يەر رەزىللىكنىڭ نېنىنى. ئىچەر زوراۋانلىقنىڭ شارابىنى.
تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.
سىلەرنىڭ يەپ-ئىچىشىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسىڭلار ئۈچۈن بولغان ئەمەسمىدى؟!
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.
داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، مەن پادىشاھنىڭ داستىخىنىدا بولۇشقا مەجبۈرمەن. شۇڭا سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن.
بىزنىڭ قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن.
ئۇ ئادىتى بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى.