23 بىزنىڭ قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن.
يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.
لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ: _ ھەممىنى قىلغان سىز! مەن ھەجەرنى سىزگە قوشۇپ قويغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى پەش قىلىپ، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. كىمنىڭ قىلغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.
لابان يەنە: _ بىز بىرگە بولمىغان چاغلاردا پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، _ دېدى. شۇڭا بۇ جاي مىزپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى.
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا بېرىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى.