Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئاندىن مەن خىزمەتكار بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ يېنىڭدا، ئۇلارنى ئەكەلگىن» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:21
7 Referans Kwoze  

‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ، سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»


بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن.


گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.»


مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»


مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى بىر نىشانغا ئاتقاندەك ئۈچ قېتىم يا ئوقى ئاتىمەن.


ئەگەر مەن خىزمەتكار بالىغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ ئالدىڭدا» دېسەم، سەن كەتكىن. چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ.


ئۇ بالىغا: _ بارغىن، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تېپىپ ئەكەلگىن _ دېدى. بالا يۈگۈرۈپ كەتتى. يوناتان يا ئوقىنى كېتىۋاتقان بالىنىڭ ئالدىغا ئاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite