Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يوناتان: _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي ئىش قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرسۇن؟ سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:2
14 Referans Kwoze  

چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:


ئاندىن ئۇ داۋۇتقا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن.


لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.


بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنمايمىز.


ئۇلار: _ غوجام، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ بىز بۇنداق ئىشتىن نېرىدۇرمىز!


ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.


جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى.


ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى سەزگۈرلەشتۈردى، مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم.


ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.


پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ: _ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز!


داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.


ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار ئوغرى بىلەن شېرىك بولغۇچى، سوتتا يالغان ئېيتسا، لەنەتكە قېلىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇ ئېيتماس راستتىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite