17 يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى قەسەم قىلدۇردى.
بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.
يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.
داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.
ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي! سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.
ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،
شافاننىڭ نەۋرىسى يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ بابىللىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىپ، بابىل پادىشاھىنى پادىشاھىمىز دەپ قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.