Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە: _ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:16
13 Referans Kwoze  

خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىغاي!


يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى.


سائۇلنىڭ توقىلىدىن، يەنى ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغان ئارمونى ۋە مىفىبوشەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سائۇلنىڭ يەنە قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن كۆرگەن بەش نەۋرىسى بار ئىدى.


فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى.


دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.


يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.


سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.


شافاننىڭ نەۋرىسى يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ بابىللىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىپ، بابىل پادىشاھىنى پادىشاھىمىز دەپ قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىق قىلىش ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزنى جازالىسۇن.


ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite