Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20:1
19 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،


قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


_ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ!


ھەي ئاتا، قاراپ باقسىلا، ئېتەكلىرىنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ. سىلىنى ئۆلتۈرمەي ئېتەكلىرىنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە سىلىگە زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايلا. گەرچە مېنىڭ قىلچىلىك گۇناھىم بولمىسىمۇ، لېكىن سىلى مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىلا.


داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىلا؟


قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!


يوناتان: _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي ئىش قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرسۇن؟ سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى.


زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا، ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا. ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا.


سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.


داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.


_ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا.


كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي. مەن سىلىگە قول تەگكۈزمەيمەن، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىلىدىن ئىنتىقام ئالغاي.


_ ئالىيلىرى، نېمىشقا مەن خىزمەتكارلىرىنى قوغلايلا؟ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite