7 نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر. خار قىلغۇچى ھەم ئەزىز قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر، ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار.
ئۇ پېقىرلارنى مەرتىۋىلىك قىلىپ، مىسكىنلەرنى بىخەتەر جايغا قويىدۇ.
«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.
يېھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە، ياش پەيغەمبەر ياغنى يېھۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم.
ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن. رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.
بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ، سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىسەن، سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن، ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر.
خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە باشقا ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى ئۈچۈن مەخسۇس خەزىنىلەرنى قۇردى.
ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار.
گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.
پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى: «مەن سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ناھايىتى ئاجىز بىر ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.
دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»