5 بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.
سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا، قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
يەتتە بالىسى بار ئانا ھالسىزلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ، ئۇلار خورلىنىپ، شەرمەندە بولىدۇ. ھايات قالغانلارنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.
«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.
ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى.
ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاننا: «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن ئۇنى تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى سامۇئىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا ئاڭلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «خۇشال بول، ئەي پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىل يۇقىرى ئاۋازىڭ بىلەن تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! چۈنكى، دەسلەپتە تۇغماس بولغان ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى باشقا ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدىنمۇ كۆپ بولدى.»
سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.
زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.