Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:36
9 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەبىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىدىن يىراقلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.


سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلايسىلەر، مېنى مەنسىتمەيسىلەر. ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەر ئوغرىلاپ كەلگەن ياكى ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلساڭلار، مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلارمەنمۇ؟!


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


بالا سامۇئىل روھانىي ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەمدىن كەم كېلەتتى.


باش ئېگەر يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا، رەزىللەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا.


مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، كىيىم-كېچىكىڭ ۋە يېمەك-ئىچمىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولغان پېتىر ناننى تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite