34 ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
(شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.»)
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. روھانىي ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
خەۋەر ئەكەلگۈچى مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى.
ئورنۇڭدىن تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەنلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ.
مەن روھانىي ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.
«ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، - دېدى.
لېكىن ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ.
بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغىن، چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر.
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
ئۇ يەنە: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى.