33 لېكىن ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئەبىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ.
ئادونىيا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى بولغان زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە روھانىي ئەبىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.
مەن ئىسرائىل خەلقىگە بەخت ئاتا قىلغانلىقىمنى كۆرۈپ، ھەسەت قىلىپ ئازابلىنىسەن. سېنىڭ جەمەتىڭدىن ھېچكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيدۇ.
ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.
بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىغان 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى.