31 مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا. ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ.
ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇتقا تېۋىنغان ۋاقىتلاردا، لاۋىيلار مەندىن يىراقلاشتى. شۇڭا ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.
تۇل ئاياللارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ، يېتىملەرنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ.
پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئەبىياتارنىڭ ئورنىغا روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.
فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى.
مەن روھانىي ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.