سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى30 شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»
ئۇنى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىزلىمەيدۇ.