سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەن ئىبادەتگاھىم ئۈچۈن بۇيرۇغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟! Gade chapit la |
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.