Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:28
26 Referans Kwoze  

_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.


ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.


ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


ئۇلار كۆكرەكلىك، پەرتۇق، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆڭلەك، سەللە ۋە پوتىلارنى تەييار قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن.


_ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇردۇم.


ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.


قۇربانلىقنىڭ ئوڭ يانپىشى روھانىينىڭ، يەنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىكى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قان ۋە مايلىرىنى سۇنغان روھانىينىڭ نېسىۋىسىدۇر.


ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلاردىن خەۋەر ئالغىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن.


گۇگۇم ۋاقتىدا چىراغلارنى ياققاندىمۇ ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرسۇن. ھۇزۇرۇمدا ئىسرىق سېلىش دائىملىق قائىدە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشسۇن.


ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.


ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.


داۋۇت زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite