24 ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا يامان نامىڭلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم!
لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.
دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن.
چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.
ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.
ھۆرمەتكىمۇ سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. ئەيىبكىمۇ بۇيرۇلدۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچىمۇ دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن.
ئىنساننى گۇناھقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلار تۈپەيلىدىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق تۇزاقلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي!
بىراق ھازىر سىلەر روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا باشلىدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار.
لېكىن يېھۇ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى يېتەكلىگەن بۇتپەرەسلىك گۇناھلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
چۈنكى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى.
ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
روھانىي ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى.
مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.
ئەلى ئۇلارغا: _ سىلەر نېمىشقا بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.
ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەشنى داۋاملاشتۇردى.