سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. Gade chapit la |
سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.