Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 روھانىي ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەيتتى ۋە ئەلقاناغا: _ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن يەنە ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2:20
9 Referans Kwoze  

شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.


ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت: _ شۇنداق، بىز گۇۋاھدۇرىمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن، بەيتلەھەمدە ئىززەت-ئابرۇي تاپقايسەن.


قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.


ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!


پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite